作曲 : Internet 作词 : Rejez يازغىنىڭ قىلىپىدا يورغىما؟ 你写的是不是规范 قەلەمگە ئىلھامنى زورلاپ تاڭساڭ توغرىما؟ ‏把灵感强迫的搂笔是对吗 جانسىز قاپىيەلەر ئاھاڭداشسىزلىقى ئۇرغۇما؟ 你认为呆滞押韵的无同音算是重音吗 نىمكەش قاپىيەلەر تەكرار سەن قاپىيەسىز ئوغرىما؟ ‏不停的重复二手押韵,你是押韵贼吗 ۋاي نېرى تۇرغىنا ‏啊,离我远点 كەلـمىدى پېقىرنىڭ ھەتتاكى يېنىڭدا تۇرغۇسى ‏俺不想待在你的身旁 كەلدى پېقىرنىڭ ھەتتاكى تىلىڭغا ئۇرغۇسى ‏俺还想打你刚愎自用的舌头 قەلەم ئوغلۇمغا ئىلھامقىزنىڭ كېلەر ياتلىق بولغۇسى ‏灵感女也想嫁给我的笔儿 سېنىڭ ئۈچ تالاق نىكاھتىن تەلەيسىز مانا بۇ گەپنىڭ توغرىسى ‏但是你的休妻的、对婚姻没有福气 پېقىردا ئىلھام، يازىدۇ ئىلدام كۈن كۆرگەن ئەركەك سۇدەك ئويناقشىپ ئاقىدۇ دولقۇنلۇق چاچراپ ‏俺的灵感、发作的快就像活水一样起伏的流着 سەن گۇيغا ئىلھام، ئەمەستۇر ئىنئام، دەسلەپكى ئىلھامىڭ كۈچەپ يازالـماي كەتكەن بۇيۇڭدىن ئاجراپ ‏但你的灵感、不是属于你的赏赐、连你最初的灵感也无法发作而流产 شىلدىر-شىلدىر سۈزۈك 飒飒的清澈 ئېلھام قېلىپتا تۈزۈك 我的灵感想模范一样完好 بايان رېئال تۈستە بىئەزۈك ‏陈述现实的面貌不是虚假的 باشقا رەپچى بۇ تىزىقتىن ئۈزۈك ‏但是其他的rapper不在这条串儿 پېقىرنىڭ ئىزناسى سوقۇلغان قورام-تاشتا ‏俺的足迹就想波浪撞的大岩石一样 ئەزەل ئادەت قەلەمنى ئىلھامغا تۈگۈرۈپ قىلىمەن ناشتا ‏俺自古以来的习俗用灵感来吃早餐 قايتارما ھىم... ئېغىز ئاچقان ناتونۇش كىم ئۇ؟ ‏嗯…张嘴的陌生是谁 بىلـمەي تۇرۇپ قىلـما خاتا پەرەز ‏你还是不要胡乱猜想 ھىم... ئېغىز ئاچقان ناتونۇش كىم ئۇ؟ ‏嗯…张嘴的陌生是谁 ئېغىز ئاچقان غوجا ئاكاڭ رەجەز. ‏张嘴的是你老爷Rejez كەمىنە رەجەز بىلىدۇ تېكست كېمىدە قانداق ئېقىشنى ‏俺知道用词船怎么流 قەلەمدە قانداق چېقىشنى ‏知道用写发来哲人 قاپىيە، سۆزلۈكتە بىلىدۇ سەندىن جىق ئىشنى ‏在押韵和词方面知道的比你多 قەلەم توخماقتا بايان گېلەمنى قېقىشنى 用笔棍子来晃陈述地毯 يازالـماسنى يەكلەپ چەتكە قېقىشنى ‏排斥呢些不用心写词儿的作家 ئىشارەتتە گېلىنى قېقىشنى ‏还给他们示意咯嗓子 غادايغانغا تىك، ھۆرمەتكە مەڭز يېقىشنى 对傲慢者应昂首齐天,对谦恭者应俯首到地 قەلەمنى ئوينۇتۇپ ئىلھامنى بېقىشنى ‏俺还知道挥舞笔用灵感 ھېس قىلدىڭ قەلىمىمدىن نەقىشنى ‏你也感受到了我笔法的浮雕 يۈرەككە ئارامبەخىشنى 令人心旷神怡的优点 مۇھىمى بابلايدۇ huh سېنىڭدەك نېرۋا قېتىشنى ‏重要的是我能收拾像你一样不会写词儿的文人 ھىم...قەلەمدە راۋا ئاجىز قەلەمكەشكە سەت گەپ دېگۈلۈك ‏嗯…许可用笔法来收拾懦弱的文人 يازالـماسلار شۇنداق بېشىنى يېگۈلۈك ‏写不好的文人丧命是应该 شەرەپ بولۇر، قەلەمگە ياخشى ئىلھام بەرگۈلۈك ‏是光荣、应该要好好的利用灵感 تەرەت بولۇر، سەندەك يازسا گۈللۈككە چاتقال تەرگۈلۈك ‏像你一样写完成的作品算是一堆屎 (يېزىۋەرسە، ئېزىۋرسە تېكست پاخال مەنا تەلگۈلۈك (كەلسە-كەلـمەس ، قالايمىقان ‏稀里糊涂的写是贬值的 مانا بۇ ئۇيغۇر رەپنىڭ بېشىغا كەلگۈلۈك ‏这才算是说唱遭的不幸 دىل خۇش مەرتىۋە تېكست ئىشقىدا ئۆلگۈلۈك ‏应该要倾心的做优秀的文人 مىسال رەجەز ئۈلگۈلۈك ‏比如像我一样 سەن مىسال يىرتىق ئىلھامىڭدا بايان كۈلكۈلۈك ‏但是你用所谓的灵感写出来的东西真的很搞笑 قايتارما ھىم... ئېغىز ئاچقان ناتونۇش كىم ئۇ؟ ‏嗯…张嘴的陌生是谁 بىلـمەي تۇرۇپ قىلـما خاتا پەرەز. 你还是不要胡乱猜想 ھىم... ئېغىز ئاچقان ناتونۇش كىم ئۇ؟ ‏嗯…张嘴的陌生是谁 ئېغىز ئاچقان غوجا ئاكاڭ رەجەز ‏张嘴的是你老爷Rejez بىردەك پاراڭدا ھەممىسى respect دەيدۇ ئاز-تولا ئىگىل ‏他们都统一的说Respect稍微弯腰 ئەمما شۇلارنىڭ غادىيىشى بىردەك شۇڭا respectكۆڭلۈمگە تېگىل ‏但是我已经领情了他摆的架子 سەن تۇرغان تەرەپ سېپىل ‏你站的队列 قەلەمدە سىۋىل،(زەئىپ)‏ 在笔法方面弱小 سۈت چىشى ئەمدى بىخ تارتقان قەلىمىڭدە ياخشىىسى پېقىرغا ئاۋايلاپ ئېتىل ‏所以你也不要用刚发芽的乳齿来向我冲着来 چىگىت ئۆلچەملىك رەپچى ‏棉花籽质量的rapper سۈپەتنى دەيدۇ زەيتۇن ‏说自己是橄榄籽 ھارۋىدىكى رەپچى ‏在驴车上的rapper نومۇس قىلـماي ھەيدەيمە دەيدۇ پەيتۇن ‏不惭愧的说自己开的是四轮篷车 پېقىرنى دورىما، نېمىشقا دەپ سورىما ئىنجىقلاپ يازالـمايسەن تەر ئۇچۇڭدا شور ئۆزلىگەن زەي تون ‏你不要模仿我、不要问我为什么、反正你使劲也像不了我、因为你身上的是泛碱的长袍 ئاز ئەمەس تەڭدىن تولىسى ‏不少,是大部分 كىچىك جۇغنى يوغان قىلار شولىسى ‏是影子把他们弱小的个头儿变的更大 كەتمەن تۈگۈل بىر قەلەمنى كۆتۈرەلـمەيدۇ دولىسى ‏他们不要说是坎土曼连一支笔都抬不起 ئۇدۇملۇق ئېرسىيەت ئەزەلدىن قەلەم تۇتۇپ باقمىغان بوۋىسى ‏是遗传性的病、连他们的祖先也从未动过笔 پېقىر كىمۇ؟ ھە... ئۇيغۇر رەپنىڭ شىمال يولۋىسى ‏俺是谁?嗯…是这个游戏里的东北虎 ئەزەلدىن تېكست ئىشقىدا ئىشلەيدۇ ‏是从来都是为了完成好的作品而做工 سنىڭكىدىن مۈگدەپ كىشنەيدۇ ‏而听你的作品就打瞌睡 ئوسال مىجەز رەجەز ھۆرمەت شارابىڭنى ئىشمەيدۇ ‏脾气暴躁的Rejez不要你的尊重 ياخشىسى تەمتىرە پېقىردا ئىلھام ئەركىلىمەستىن چىشلەيدۇ ‏最好你还是慌张、因为俺的灵感不会撒娇就咬你 قايتارما ھىم... ئېغىز ئاچقان ناتونۇش كىم ئۇ؟ ‏嗯…张嘴的陌生是谁 بىلـمەي تۇرۇپ قىلـما خاتا پەرەز ‏你还是不要胡乱猜想 ھىم... ئېغىز ئاچقان ناتونۇش كىم ئۇ؟ ‏嗯…张嘴的陌生是谁 ئېغىز ئاچقان غوجا ئاكاڭ رەجەز ‏张嘴的是你老爷Rejez