作曲 : 3-$ex 作词 : Subat_K KIM "U" i dont wanna change كۆردۈم ئەتراپتا كىم ئۆزگەردى كىملەر ئۆز پېتىچە ، ئويلىمىغانلارمۇ ئۆزگۈرۈپتۇ ئۆز يوللىرى بويىچە، مەن ئەپسۇسلاندىم بۇنى كۆرۈپ بۇزادى نىمە ئۈچۈن ، سەۋەپلىكمۇ سەۋەپسىزمۇ ئۆزگەرگىنى كىم ئۈچۈن بەزىلەرنى كۆردۈم ئۆزگەردى ئۇزاق ۋاقىت كەتمىدى ، بۇئۆزگىرىش سەۋەبىنى چۈشنۈشكە قۇربۇم يەتمىدى ، توغرا ئۇلارنى بىر نېمە دېيىشكە يوق مىنىڭكى سالايىتىم ، ئەمەس ھەمدە بۇ دۇنيادا ئۇلار مىنىڭ ئامانىتىم ، بۇنداق ئۆزگىرىش بوپ تۇردۇ دەيسە كەلدى ماڭا بەك ئېغىر ئۇنىڭ ئۆزگەرگىنىنى كۆردۈم كىرگەندەك كۆزۈمگەقۇم شېغىل بايقىغاندەك ئاز تولا ئۆزگىرىشكە ئۇ قاملىشالماپتۇ ، گىپىمنىڭ راستىنى دىسەم بۇ ئۆزگۈرۈش ساڭا ماسلاشماپتۇ ئەسلى ۋەسلى ئادەمنىڭ ،ئەڭ زور بايلىقى بۇرۇن بۇنداق ئەمەستى ،ئۇ راستىنلا ئۆزگەردى دەيتىم بۇرۇن كۆزدىن پاكلىق خاس ئاسماندا ئايدىكى ، يۇقاتتى بۇ خىل نۇر نى گويا پاتقاق لاي كەبى ، I don't wanna change. ئەسلى قۇياش نۇر چېچىپ تۇرغان ،ياغدى يامغۇر شاقىراپ ئەسلى مەينەت تۇپا باسقان ، يوللا كەتتى پاقىراپ ، ئۆزگەرتمە دىدىم يامغۇرغا قاراپ ئاسمانغا ۋاقىراپ ، پىسەنت قىلماي يېغىۋەردى مەسخىر قىلىپ ماڭا قاراپ ، يامغۇر ماڭا يېڭىلىدىم دىدى ئېلىپ كەتتى نىمىلەرنى ، بۇ يامغۇرنىڭ يېڭىلىغىنى ئۆزگەرتتى كىم كىملەرنى نىمىشقا ئۇمۇ تەڭ ئۆزگەردى بەرمىدى ماڭا جاۋاپ، پۇشايماندا قالغاندەك يامغۇر كۆرىنىدۇ ھالى خاراپ، قاراپ دىدىم يامغۇرغا ئەمدى كۆڭلۈڭ تىندىمۇ ؟ ئۇنىڭ ئۇماق قىياپىتى ئەسلىگە قايتىپ كىلەمدۇ ؟ ئۇنى سەن بىلەن نىم ئالاقىسى دىدى يامغۇر ئاچچىقلاپ ئالاقەڭ شۇ ئۈندىداردا گەپ قىلالمايسە كۆزىگە قاراپ باشتا ئۆزەڭ ۋاز كەچمىسەڭ ئۇمۇ ئۆزگەرمەستى بەلكىم بۇنى ئۆزەڭنىڭ بوشلىقىدىن كۆ ئوبدان ئويلا ئەمدى ئۇ كىم ، تۇرۇپ قالدىم بۇ سوئالغا جاۋاب تاپالماي جىمىپلا ئۇنىڭ مەن بىلەن كارى يوق بۇنىسى ماڭا ئېنىقلام . I don't wanna change بىلمەيمە نىمىشقا بۇ ئۆزگىرىش ماڭا تەسىر قىلدى ، ئۆزگىرەركەن ھەر كىشى كاللام بۇنى چۈشەندى بىلدى ھەر كىشىنىڭ ئەركىنلىكى بار ئەمەس ئۇنى توسقۇنۇم بەلكى يامان ئادەملەرنىڭ ئۇنى ئازدۇرشىدىن قوققۇنۇم توغرا ھازىر بىلىنمەيدۇ كىيىن بىلىسە ئاقىنى ئازاپ ۋە پۇشايمان بۇلدۇ ساڭا ئېشىپ قاغىنى ، سەنمۇ ئوبدان بىلەلەيسە ناچار بىلەن ياخشىنى ، بىلىپ قالسە پاك قەلبىڭدىن باكا ساڭا باشقىسى ، بەلكىم سەن يا ئۆزگەرمىدىڭ ماڭا شۇنداق كۆرۈندى ، تايىنى يوق يالغان تۇرمۇش ئەمەس ساڭا كىرىكى ، بۇ تېكىسىتكە ھېچ كىشىگە تۆكمۈدۈم مەن دەتنى ، يازدىم يەنە ئۆزگەرتتىم تولدۇرۇپ ئۈچ بەتنى ، قىلمىدىم مەن ئەسۋابىم دەت تۆكۈشتە رەپنى رەپ ئىچىدە خەت قىلىپ يازدىم ساڭا گەپنى ، توغرا چۈشەن مەخسەتنى ساڭا ياخشى بولسۇن دەپ ئۈندىداردا ئاددىي قىلىپ يېزىپ قۇيدۇم سالام خەت .