作词 : mutalipjanKawul 作曲 : Askar Muhtar كۆزۈم كۆرمىسە ناخشا تېكىستى ئاپتۇرى - مۇتەللىپجان قاۋۇل مەدەت بىرىپ ئۆزۈمگە ئۆزۈم، كۈلەلەيمەن كۆزۈم كۆرمىسە، ھاياتلىقتا ھەر بىر گىياھنى ، سۈيەلەيمەن كۆزۈم كۆرمىسە. زارلانمايمەن ھاياتتىن ئەسلا ، ئاھ ئۇرمايمەن كۆتىرىپ غەۋغا ، سەبىر قىلىپ دەرتنى دىلىمغا ، كۆمەلەيمەن كۆزۈم كۆرمىسە . دېكلاماتسىيە غەم تۇمانى يۇقتۇر يۈزۈمدە، قانائەت بار ھەر بىر سۆزۈمدە، ئەزىزلەرنى قەلىپ كۆزۈمدە ، كۆرەلەيمەن كۆزۈم كۆرمىسە. ماڭا قۇچاق ئاچقانلارمۇ بار، ئەما كۆرۈپ قاچقانلارمۇ بار، سىناقلاردا قىينىسا دۇنيا، كۆنەلەيمەن كۆزۈم كۆرمىسە . تۈگىدى