作词 : Young-Xamxy 作曲 : haleh مەن يالغۇزلۇققاكۆنۈپ قالدىم كېرەك يوق كېتىۋەرگىن ئەمدى توسمايمەن سېنى يولۇڭغا مېڭىۋەرگىن كۆزۈڭگە كىرىۋالمايمەن ئەنسىرىمە قەدىرلىكىم قولۇڭدىكى ئۈزۈكنى خاتىرجەم ئېلىۋەتكىن سۆيگۈمىز داۋام ئەمەس ئەكسىچە ئاخىرلاشتى باشقىلار سۈرتۈپ قويسۇن كۆزۈڭدىن ئاققان ياشنى ئەمدى قايتا سۆيەلمەيمەن سەندەك بىر باغرى تاشنى سەۋەبسىز تاللىدىڭ سەن نېمە ئۈچۈن ئايرىلىشنى يىغلار تۈنگە ئاسمان يىغلايدۇ يۈرۈكۈم سەن قال دەپ كەتتى يار ئەمدى يوق كېرىكىم مەن پەقەتلا سېنىلا سۆيەتتىم ھېچكىمگە بەرمەيتتىم كۆڭلۈمنى مەن پەقەتلا ساڭا كۆيەتتىم مەن چىڭ تۇتقان سېنىڭ شۇ قولۇڭنى مەن باغرىمغا چىڭ بېسىپ قانمايتتىم پۇراپ شۇ خۇشپۇراق ھىدىڭنى مەن سۆيۈپ تۇرساممۇ سەن ئالدايتتىڭ بۇرۇنلا يوقاتتىڭ ئۆزۈڭنى كەتتى قايتا كەلمەسكە شۇ كۈنلەر ئەمدى ماڭا ھەمراھ ھەر بىر تۈنلەر مەن يالغۇزلۇققاكۆنۈپ قالدىم كېرەك يوق كېتىۋەرگىن ئەمدى توسمايمەن سېنى يولۇڭغا مېڭىۋەرگىن كۆزۈڭگە كىرىۋالمايمەن ئەنسىرىمە قەدىرلىكىم قولۇڭدىكى ئۈزۈكنى خاتىرجەم ئېلىۋەتكىن