作词 : Trouble-Taran 作曲 : Trouble-Taran dream سېنىڭ كۆرگەنلىرىڭ بولسا تاراننىڭ ھېكايىسى . ھېكايە بىلەن سۆزلىمەكچى بولغىنىم باش پېرسوناژنىڭكى كىنايىسى . بىر جاڭگالنىڭ بۆرىلىرى كېرەك ، بىر بىرسىنىڭ ھىمايىسى چۈشۈڭدە كۆرگەن dirty * leading girlنىڭ سىمايىسى قارا ، بېسىپ قالدىمۇ يوق . ئويغىنىپ كەتكىڭ بار ، چۈشۈڭدىن . ئەمما ، خىتاب قىلىمەن ئويغىنىپ كەتمە ، قابىلراق بول كۈچۈڭدىن . ئەمما ھېكايە باشلىنىشتىن بۇرۇن ئۇنىڭغا كىرىش سـۆزىمۇبار بەلكىم ئاڭلىغۇچىلارنىڭ ئارىسىدا مۇھىم شەخسنىڭ ئۆزىمۇ بار . سۆزۈم بار دەپ بىر ئېغىز كۆڭلۈڭدىكىنى كۆزۈڭ سۆزلەپ تۇرىدۇ . سېنىڭ چۈشۈڭ مېنىڭ ھېكايەم بولغاچ تەسەللىرىم كۆڭلۈڭنى تۈزلەپ تۇرىدۇ . بېشارەت بەرگەن چۈشۈڭنى سەن قارا باستى دەپ ئويلاپ يۈردۈڭ . ئەمما گۇمان سالىدىغان يېرى سەن ئۇ چۈشنى قايتا قايتا كۆردۈڭ . مەن كېچىپ ئۆتكەن كەچمىشلەرگە چۈشۈڭدە بېرىلگەن ئىزاھات . مىسكىن كۆڭلۈڭنىڭ كۆزىگە قاراپ ئاسماندىن تىلىدىڭ بىر نىجات . سەن ئۈچۈن مۇھىممۇ مەن دەپ سورىساڭ كۆزۈڭگە قارىماي دەيمەن شۇنداق . قارا بېسىپ قالغان ئۈچىنچى شەخس قىزچاقنىڭ چۈشىدە كۆرگىنى مۇنداق . سېنىڭ چۈشۈڭ بولسا مېنىڭ ھېكايەم . your dream is my story شاھزادە بىلەن مەلىكە خۇشال يۈرەتتى ھەر ۋاقىت . نۇرغۇنلىغان ئارزۇلىرى بار ئىدى باشقىسى كۆڭۈلدىن ساقىت . ياقۇت كۆزلۈك ئۈزۈك بەرگەن شاھزادە مەلىكىگە . سەۋرچانلىق بىلەن تەييارلىق قىلدى شاھزادە توي مەرىكىگە . ياتلىق بولۇشنى خالامسىز دەپ سورايدۇ شاھزادە ھەمىشە . مەلىكە چىرايىدا تەبەسسۇم ئەمما كۆڭۈلدە بىر خىل ئەندىشە . چۈنكى سەھەردە ئېچىلغان ئەتىر گۈل ئاللىبۇرۇنلا توزۇپ كەتكەن . شاھزادە ئۈزەلمەي ئەتىرگۈلنى ھېكايىسىنى ھېس قىلىپ يەتكەن مەلىكە سۇندى شاھزادىگە سولىشىپ كەتكەن ئەتىر گۈلنى . توزىتىۋەتتى يېڭىلا ئۆچكەن تەشنا يۈرەكنىڭ كۈلىنى. سۈكۈتتە قالغان شاھزادە روھى تېنىدىن ئاجرىغاندەك . گاھىدا پەلەككە نالە قىلاتتى يۈرەككە بىر نېمە سانجىلغاندەك . يىراققا كەتتى شاھزادە ، بۇ ھېكايە تامام بولدى . چۆچۈپ ئويغاندىڭ سەن چۈشۈڭدىن كۆزۈڭ ياشقا تولدى . شۇڭا كۆرگەن بۇ پاجىئەگە ناخشامدا خاتىمە بېرەي . پۇشايماننى ئالىدىغان قاچاڭغا مەن تەسەللىي تېرەي . سېنىڭ چۈشۈڭ بولسا مېنىڭ ھېكايەم . Your dream is my story