作词 : Muhter Bughra 作曲 : Ablet Ablikim阿布来提阿布力克木 يەتتە پەرزەنىت ئابلەت ئابلىكىم بۇ ھاياتقا ئاتا ئانام بەرمەي كەلدى تەن ئاچچىق تەرگە ئالماشتۇرۇپ بەردى بىزگە قەن بۇ ھاياتقا ئاتا ئانام بەرمەي كەلدى تەن ئاچچىق تەرگە ئالماشتۇرۇپ بەردى بىزگە قەن گىرىمسىز توقاچلىق ئانام ئالەمچە غۇلاچلىق دادام قارا قىشتا گۈلخان بولدى يازدا سايىۋەن قارا قىشتا گۈلخان بولدى يازدا سايىۋەن نانغا زۇۋۇلا ئۈزىدۇ ئانام جانغا فۇرمىلا تۈزىدۇ دادام جان ئانام بولدى دەرتمىنىڭ دادا كۆكتە ھىلال ئاي كەتمىنىڭ دادا كۈللى مەدھىيە سىلەرگە بەك ئاز ئارامى جانلىق بولسۇن پايانداز ♬♬♬♬♬ ئاھ سىلەرسىز دوقمۇشلاردا سەرسان غىرىپ بىز تىخى بالا ئەقلى چالا قىرىققا كېرىپ بىز دەردۇ غەمنىڭ تۇساقلىرىدىن ھاياتلىقنىڭ سىناقلىرىدىن ئۆتەلەيمىز قايتا قايتا ئىمتاھان بىرىپ بىز ئۆتەلەيمىز قايتا قايتا ئىمتاھان بىرىپ بىز ئۆتەلەيمىز قايتا قايتا سىناق بىرىپ بىز نانغا زۇۋۇلا ئۈزىدۇ ئانام جانغا فۇرمىلا تۈزىدۇ دادام جان ئانام بولدى دەرتمىنىڭ دادا كۆكتە ھىلال ئاي كەتمىنىڭ دادا كۈللى مەدھىيە سىلەرگە بەك ئاز ئارامى جانلىق بولسۇن پايانداز ♬♬♬♬♬ يەتتە پەرزەنىت ئىدۇق بىزلەر يەتتە پارچە ئەت ھەسەن ھۈسەن كەبى  كۆكتە پارلايمىز ئەبەت بىرلىرىمىز خاماندا بىز بىرلىرىمىز ئارماندا بىز ‎ئۇچقۇر يىللار تاسقاپ بىزگە بىرىدۇ پۇرسەت ‎ئۇچقۇر يىللار تاسقاپ بىزگە بىرىدۇ پۇرسەت ‎ئۇچقۇر يىللار تاسقاپ بىزگە بىرىدۇ پۇرسەت نانغا زۇۋۇلا ئۈزىدۇ ئانام جانغا فۇرمىلا تۈزىدۇ دادام جان ئانام بولدى دەرتمىنىڭ دادا كۆكتە ھىلال ئاي كەتمىنىڭ دادا كۈللى مەدھىيە سىلەرگە بەك ئاز ئارامى جانلىق بولسۇن پايانداز ئارامى جانلىق بولسۇن پايانداز