قۇلاق سالىپ ئىشىتكىل مەنىڭ ئەرزىمنى، كۈندىن-كۈنگە بىتەلەي بولدۇم دەردىڭدە. نىلەر چەكتىم پىراقىڭ ھىجرىڭدە ، قانلار يۇتۇپ ئۆلەر بولدۇم دەردىڭدە. بىر ئوق ئەردىم ھەر تەرەپلەرگە ئاتىلدىم، سەن يار ئۈچۈن ئىشىكلەرگە تەلمۈردۈم. يارى-يار دەپ يات يەرلەرگە ساتىلدىم ، يارى-يار دەپ ئۆلەر بولدۇم دەردىڭدە. غايىبانە باغۋەنگە خىزمەت ئەيتارمەن، بىلمەدىممەن مەقسەتكە نېچۈك يېتەرمەن. چۆللەر كېزىپ باشىمنى ئالىپ كېتەرمەن ، ئۆزگە ۋەتەن تۇتار بولدۇم دەردىڭدە. غېرىپ ئەردىم گۈل قويدى مەنىڭ ئاتىمنى، بۇ ۋەتەندە ھېچكىم بىلمەس دادىمنى. سەندىن ئۆزگە كىمگە ئەيتاي ئەرزىمنى، مەن ساڭا ئەرز ئەيتار بولدۇم دەردىڭدە. ئوخشايدۇ ئۆزى بىر ئاي سېنى كېلەدىغۇ دەپ، گۈل غۇنچەسىنى يارەي شەھرىڭدە خۇمارىڭ. بىركۆرۈپ سېنى يارىم، قالمىدى مېنىڭ ھالىم, بىر باقساڭچۇ سەن يارىم، تەڭ بولۇپتۇ ئەھۋالىم. بارالى دېمەپمىدۇق، يانالى دېمەپمىدۇق, شەرتىمىز قىزىل ئالما چىشلەشىپ يېمەپمىدۇق.