شۇنچە كۈتتۈم بىر كەلمەسەڭ خاپا بولامەن بىر جىلمەيىپ بىر كۈلمەسەڭ خاپا بولامەن شۇنچە كۈتتۈم بىر كەلمەسەڭ خاپا بولامەن بىر جىلمەيىپ بىر كۈلمەسەڭ خاپا بولامەن ئاسمانىمدا يۇلتۇزۇمسەن، كۆزدە نۇرىم كۈندۈزۈمسەن سەن رەنجىسەڭ مەن ئۆزۈمدىن خاپا بولامەن يۈرەگىمنى تىرنار گۇمان،شۈبھى دىلنى چاقار يىلان يار كەلمەسەڭ سەندىن يامان خاپا بولامەن دىلدىن دەردىم ئۆچۈرەلمەي، بەخت شارابىن ئىچۈرەلمەي ئۆزۈمنى ھەم كەچۈرەلمەي خاپا بولامەن ھال ئىزلەپ كەلسەڭچۇ،ئاخىر(ئاشىق) قەلبىم سەزسەڭچۇ يەنە ئۆزۈڭ بىلسەڭچۇ خاپا بولامەن شۇنچە كۈتتۈم بىر كەلمەسەڭ خاپا بولامەن بىر جىلمەيىپ بىر كۈلمەسەڭ خاپا بولامەن شۇنچە كۈتتۈم بىر كەلمەسەڭ خاپا بولامەن