ساراي مەشرىپى تېكىست ئىشلىگۈچى راھمانجان چچ:1064131973 ......مۇزىكا.... ئاۋۇ تامدا بىر مورا ماۋۇ تامدا بىر مورا ئاۋۇ تامدا بىر مورا ماۋۇ تامدا بىر مورا باش ئەگمىگەن چوكانغا چىلان كالتىكى دورا باش ئەگمىگەن چوكانغا چىلان كالتىكى دورا چىلان كالتىكى نەدە چىلان كولىغان يەردە چىلان كالتىكى نەدە چىلان كولىغان يەردە ئوينىغىلى قويمامسەن كۆڭلۈم خالىغان يەردە ئوينىغىلى قويمامسەن كۆڭلۈم خالىغان يەردە سېنىڭ ئېتىڭ گۈلسەيدى ئاخشام سېنى كىم سۆيدى سېنىڭ ئېتىڭ گۈلسەيدى ئاخشام سېنى كىم سۆيدى ئارقىسىدىن ماراپ بارسام باينىڭ چاكىرى سۆيدى ئارقىسىدىن ماراپ بارسام باينىڭ چاكىرى سۆيدى ئۇنداق دېسىلە ماقۇل بۇنداق دېسىلە ماقۇل ئۇنداق دېسىلە ماقۇل بۇنداق دېسىلە ماقۇل كۈزلۈككە پىشار شاپتۇل شاپتۇل تۈۋىدە ماقۇل كۈزلۈككە پىشار شاپتۇل شاپتۇل تۈۋىدە ماقۇل دۇتتار چالسام تىڭشايلا يېقىن كېلىپ سۆيمەيلا بىر سۆيگەنگە ئۆلمەيلا ئۇششاق كېسەل بولمايلا بىر سۆيگەنگە ئۆلمەيلا ئۇششاق كېسەل بولمايلا سېنىڭ دوستۇڭ مېنىڭ دوستۇم سارايدا مەشرەپ ئوينايلى كۆزىگە ئىلمىغانلارنىڭ بېشىغا دەسسەپ ئوينايلى سېنىڭ دوستۇڭ مېنىڭ دوستۇم سارايدا مەشرەپ ئوينايلى كۆزىگە ئىلمىغانلارنىڭ بېشىغا دەسسەپ ئوينايلى ئوھ باشلىقنىڭمۇ دەردى بار دېھقاننىڭمۇ دەردى بار ھۈنەرۋەننىڭ دەردى بار مۇئەللىمنىڭ دەردى بار دوختۇرنىڭمۇ دەردى بار شوپۇرنىڭمۇ دەردى بار ئارتىسنىڭمۇ دەردى بار ياش بالىنىڭ دەردى بار دەردى بارلار ھەر جايدا بولسا دەردى يوقلار نەدە بار