بۇ چىنار ئىگىز چىنار چىقسا بوران شاخى سۇنار سۇنسا ئەگەر گۈلنىڭ شاخى بۇلبۇل كېلىپ نەگە قونار بۇلبۇل كېلىپ نەگە قونار سۇنسا ئەگەر گۈلنىڭ شاخى بۇلبۇل كېلىپ نەگە قونار بۇلبۇل كېلىپ نەگە قونار مەن بېلىمنى باغلادىم قىل بىلەن ھەم سىم بىلەن ۋاپاسىزلىق قىلماساڭ ئۆمرۈڭ ئۆتەر مەن بىلەن ئۆمرۈڭ ئۆتەر مەن بىلەن سەن ئەقىدە باغلاساڭ ئۆمرۈم ئۆتەر سەن بىلەن ئۆمرۈم ئۆتەر سەن بىلەن قاپقارا بوران كېلىپ تەگسە غازاڭ بولمامدۇ گۈل قايرىلىپ شاخى سۇنۇپ بەرگى غازاڭ بولمامدۇ گۈل بەرگى غازاڭ بولمامدۇ گۈل قايرىلىپ شاخى سۇنۇپ بەرگى غازاڭ بولمامدۇ گۈل بەرگى غازاڭ بولمامدۇ گۈل